ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا 3 - بىر دۆلەتنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئارتۇر دېۋېي (Arthur E. Dewey )سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، ئامېرىكا ھەر يىلى قوبۇل قىلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى يەنىلا -3 دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دېۋېي ئەپەندى سۆزىدە يەنە، گەرچە ھازىرغىچە بەزى دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ھەمدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)