ئامېرىكا 3 - بىر دۆلەتنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا 3 - بىر دۆلەتنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئارتۇر دېۋېي (Arthur E. Dewey )سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، ئامېرىكا ھەر يىلى قوبۇل قىلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى يەنىلا -3 دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دېۋېي ئەپەندى سۆزىدە يەنە، گەرچە ھازىرغىچە بەزى دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ھەمدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- ئامېرىكا گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
- گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار سوتقا تارتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
- بېيجىڭ ئامېرىكىدىن گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇر ئەسىرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي كولىن پوۋېلنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى
- خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئادىل سوتلىناتتى دىدى
- كولىن پاۋىل ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى