گۇانتانامودىكى بىر ئۇيغۇر ئامېرىكا ھەربىي سوت كولىگىيىسىگە ئىپادە بەردى
2004.11.19
گۇانتانامودىكى ئەسىرلەرنى سوت قىلىش مەقسىدى بىلەن قۇرۇلغان ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كولىگىيىسى، پەيشەنبە كۈنى گۇئانتانامودا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئەزا بىر تۇتقۇننىڭ ئىپادىسىنى ئالدى.
ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كولىگىيىسىنىڭ باياناتچىسى لېتنانت گارېي روسسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 31 ياشلاردىكى مەزكۇر تۇتقۇن سوت كولىگىيىسى تەرىپىدىن 2001 - يىلى ئافغانىستاندا قورال - ياراق ۋە ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. بىراق، تۇتقۇننىڭ مىللىي تەۋەلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ گۇانتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەنلىگى ياكى ئەمەسلىگى ئېلان قىلىنمىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، تېررورچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ تورا بورا تېغىدىكى ئۇيغۇر لاگىرىدا تەلىم تەربىيە كۆرگەن 29 ياشلاردىكى يەنە بىر ئەسىرنىڭ ئىپادىسى ئېلىنغان.
بىراق بۇ كىشىنىڭمۇ ئىسمى ۋە مىللىي تەۋەلىكى ئېلان قىلىنمىدى. ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، سوت كولىگىيىسىگە چىقىرىلغان 29 ياشلاردىكى ئەسىر، ئىتتىپاقداش كۈچلەر تورا بورا تېغىنى بومباردىمان قىلغاندا يارىلانغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا 3 - بىر دۆلەتنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار سوتقا تارتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى
- بېيجىڭ ئامېرىكىدىن گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇر ئەسىرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي كولىن پوۋېلنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى
- خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئادىل سوتلىناتتى دىدى
- كولىن پاۋىل ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى