گۇانتانامودىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكا سوتىغا چىقتى


2005-01-05
Share

گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا سوتقا چىقتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24 ياشلىق ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بۇ ئۇيغۇر 2001 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستانغا كىرگەندە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇ ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىكەن.

ئۇ سوتتا، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندىن كەلگەنلىكىنى ھەمدە پاكىستاندا دىنىي دەرس ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئافغانىستانغا تەتىلگە بېرىپ بىر ھەپتە بولمايلا ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تالىبانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۇنى قولغا ئالغاندا ئۇنىڭ تالىبانلارنىڭ 2 نەپەر ئاشپىزى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر ياش سوتتا بۇ قاراشنى رەت قىلدى. شۇنداقلا سوتچى ئۇنىڭدىن نىمە سۇئالى بارلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇ " مېنىڭ پەقەت بىرلا سوئالىم بار، مېنى قاچان قويۇپ بېرىسىلەر؟ " دەپ سورىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بىر-بىرلەپ سوت ئېچىۋاتقان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "خاتا ۋاقىتتا، خاتا جايدا تۇرۇپ قالغانلار" ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە نۆۋەتتە ئۇلارنى خىتاي ئەمەس، بەلكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشقا تىرىشماقتا. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت