گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۇبادىكى گۇانتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

ۋاشىنگتوندىكى ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەركىزى بوستوندىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئاقلاشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتتىكى ئادۋوكاتلار پات يېقىندا گۇانتاناموغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن تەرجىمانلارنى ئىشلىتىشنى خالىمىغان. مەزكۇر شىركەت گۇانتانامودىكى 12 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئاقلىغۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قالغانلار ئادۋوكات بىلەن تەمىنلىنىشنى كۈتمەكتىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئەمەس، دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا پاناھلىق بېرىشنى خالايدىغان 3 - بىر دۆلەتنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىر دۆلەت چىقمىغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر گۇانتانامودا جەمئى 540 كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. بۇش ھۆكۈمىتى، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت خەتەرلىك ئۇنسۇرلار، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئەمما ب د ت دىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئورگاننىڭ گۇانتانامودا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىغان. (ئەركىن)