ئامېرىكىلىق ئادۋوكات: گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى مېھمانخانىغا يۆتكەش كېرەك

گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان سابىن ۋىلىت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن گۇئاناتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

26 - كۈنى "بوستون گلوب" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۈستىگە ئالغان سابىن ۋىلىت، ئۆتكەن جۈمە كۈنى سوتقا ئەرز سۇنۇپ، سوتتىن ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىغا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى گۇانتانامو ھەربىي بازىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر ياشايدىغان بۆلۈمىگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئەركىن - ئازادە ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋىلىت سوتقا سۇنغان ئەرزىدە، ھازىرغىچە گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا سەۋەپ بولالمايدۇ، دېگەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ، ئامېرىكا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان 15 ئۇيغۇر ۋە بىر ئۆزبېككە گۇانتانامودىكى تۈرمىدىن چىقىپ، ھەربىي بازىنىڭ ئائىلىكلەر ياشايدىغان رايونىدا ياشاش ئەركىنلىكى بېرىپ - بەرمەيدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.

ئەمما، گۇانتانامو تۈرمىسىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك جىف ۋايىر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە جىف ۋايىر ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلارنى بىخەتەرلىك رايونىنىڭ سىرتىغا يۆتكەش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.

گۇانتانامو ھەربىي بازىسىنىڭ ئائىلىكلەر ياشايدىغان بۆلۈمىدە، مەزكۇر ھەربىي بازىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 8000 ئەسكەر ۋە ئوفېتسىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ياشايدىغان بولۇپ، بۇ جاي كىچىك بىر شەھەرگە ئوخشايدۇ. (قانات)