ئامېرىكا سوتى گۇانتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئاچتى
2005.08.02
ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا سوت ئاچتى.
گەرچە سوتقا ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىم ئىسىملىك بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما باش سوتچى ئادۋۇكاتنىڭ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرزنامىسىنى تىڭشىدى.
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبىن ۋىللېت ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوتى تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس" دەپ ئاقلانغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادۋۇكات يەنە، سوتتا بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشكە يول قويۇش شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنى ئۇلارنىڭ تەرجىمانلىقىغا كۆرسىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (پەرىدە)