گۇانتانومودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش كېرەك
2005.08.07
ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ھەپتىلىك ئۆلچەم" ژورنىلىدا ئالىن بورك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى تەلەپ قىلىندى.
ماقالىسىدە، ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىم ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتلانغانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالىن بورك، "سوت جەريانىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق قانۇنىي ئاساس يوق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. چۈنكى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇلارنى ئاللىقاچان "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئېلان قىلغان" دېگەن .
ئالىن بورك "ھەپتىلىك ئۆلچەم" ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "سوت جەريانىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلغان ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولىدىكى بىردىن - بىر توسالغۇ ھازىرغىچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت تىپىلمىغانلىقى دېدى . ھازىرقى مەسىلە مۇشۇ ، ئۇلار ۋەتىنىگە كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر ئاز سانلىق مىللەت".
ئالىن بورك ماقالىسدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بىرلا دۆلەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا. ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئۇلارنى قوبۇل قىلسا، بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئىككىنچىدىن، بۇ ئامېرىكىدا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىۋاتقانلارغا ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ."
"لېكىن"، دەيدۇ ئالىن بورك ماقالىسىدە، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ تەنقىدلىرىگە قارىماسلىقى كېرەك . چۈنكى ئامېرىكا ھازىرغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى باستۇرماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەگەر ئادىل ۋە ئابابەكرىگە ئامېرىكىدا پاناھلىق بېرىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى ھەمكارلىقىنى توختىتىشىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، خىتاي بۇ مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئەزەلدىن يىتەرلىك ھەمكارلاشمىدى شۇڭا بۇ جەھەتتە چوڭ بىر يوقىتىش بولمايدۇ"
ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى تەنقىدلەردىنمۇ قورقماسلىقىنى تەكىتلىگەن ئالىن بورك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئامېرىكىدا پاناھلىق بېرىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ خالاس، دېگەن . (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا سوتى گۇانتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئاچتى
- ئامېرىكىلىق ئادۋوكات: گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى مېھمانخانىغا يۆتكەش كېرەك
- گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىندى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىش پىلانى يوق ئىكەن
- گۇانتانامودىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكا سوتىغا چىقتى