ئامېرىكا گۇانتانامودىكى كىشىلەرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە


2005.08.09

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سكوت ماكمىلان بۈگۈن ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش ۋە ياكى ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىش توغرىسىدا بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، مۇخبىرلارنىڭ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بىزنىڭ باشتىن بىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىمىز. گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلارنى كۆپلەپ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. ھازىرغىچە 70 كىشىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇردۇق. مەسىلەن ھازىر، ئافغانىستان بىلەن گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى مەزكۇر دۆلەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

ماكمىلان گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ "ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلسەك، بىزنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىمىز گۇانتانامودىكى كىشىلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇشتا ئىككى مەسىلىگە دىققەت قىلىش. بىرىنچىسى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەسلىكى. ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە جازاغا ئۇچرىماسلىقى. ئەگەر مۇشۇ مەسىلىدە كېلىشەلىسەك ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن".

ئىككى كۈن بۇرۇن " ھەپتىلىك ئۆلچەم" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماي، ئۇلارغا ئامېرىكىدا پاناھلىق بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.