ئامېرىكا ئاممىۋى رادىئوسى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتىنى زىيارەت قىلدى


2005.08.21

گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللېت ئەپەندى يېقىندا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بوستوندىكى تارمىقىنىڭ مۇخبىرى، ئادۋوكات سېيبىن ۋىللېت بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇانتانامو تۈرمىسىدە 3 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سوئال قويدى.

ئادۋوكات سېيبىن ۋىللېت، ئۇيغۇرلارنىڭ "شەرقىي تۈركىستان" لىقلار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىغا نارازى بولۇپ، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتايغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئافغانىستاندىكى تالىبان قوشۇنلىرىغا قاتنىشىپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇلارنى "ئۈشمەن كۆرەشچىلىرى ئەمەس"دەپ جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆھبەتتە يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسى نۆۋەتتە ئادۋوكات سېيبېئىن ۋىللېتنىڭ، گۇانتانامودىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش ياكى ئۇلارنى تۈرمىدىن بوشىتىپ، ھەربىي بازا ئىچىدە ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇش تەلەپ قىلىنغان ئەرزنامىسى ئۈستىدىن سوت ئاچماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.