"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلدى


2005.08.24

ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق "ۋاشىنگتون پوچتىسى" نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا، 4 يىلدىن بۇيان گۇانتامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ جاكارلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى يېزىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گۇانتانامودىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالە ئاپتورى روبىن رايت ماقالىسىدە يەنە، گۇانتانامودىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋۇكاتى سېيبىن ۋىللېت ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى قىستۇرۇپ، نۇرى تۈركەلنىڭ "ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئامېرىكىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي غورۇرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا ياردەم قىلىدۇ دەپ قارايدۇ" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىمۇ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بەردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.