بەش نەپەر ئۇيغۇر گۇانتانامو تۈرمىدىن ئايرىلدى


2005.08.26

كۇبادىكى گۇانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچى قەدەمدە بەش نەپىرى ئۆتكەن ھەپتە چوڭقۇر تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك ئەمەسلىكى بېكىتىلىپ، گۇانتانامودىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن چىقىرىلىپ، باشقا بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا بۇ جاينىڭ تۇرمۇش شارائىتى گۇانتانامودىكىدىن ياخشىراق بولۇپ، ئۇلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەر ئازايتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە يول قويۇلغان. بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇر يېڭىدىن يۆتكەلگەن بۇ جايدا تاكى ئۇلارنى مەلۇم بىر دۆلەت قوبۇل قىلغىچە تۇرۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 نەپىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماستىن باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش يولىنى ئىزدىمەكتە. ھازىرغا قەدەر 20 گە يېقىن دۆلەت ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان. ئەمما، بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.