گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىلىشى مۇمكىن

ۋاشىنگتوندىكى بىر ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى گۇانتانامو لاگىرىدىكى ئادىل ئابلىكىم، ئابابەكرى قاتارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن يەنە سوت ئېچىپ، تۇتقۇنلارنى سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئوخشىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتوندىكى بىر ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى گۇانتانامو لاگىرىدىكى ئادىل ئابلىكىم، ئابابەكرى قاتارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن يەنە سوت ئېچىپ، تۇتقۇنلارنى سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئوخشىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سوتچى روبېرتسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئادىل ۋە ئابابەكرىلەرنى گۇانتانامودىن ۋاشىنگتونغا چاقىرتىپ، سوت مەھكىمىسىدە ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئويلىشىدىكەن. سوت مەھكىمىسى تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى 15 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.

سوتچىنىڭ تۇتقۇنلار ئۈستىدىن ئۈچ خىل ھۆكۈم چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىرى، 3 - دۆلەت قوبۇل قىلغىچە تۇتقۇنلارنى داۋاملىق گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇش، 2 - خىل ئېھتىماللىق ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىش، ئەڭ كۆڭۈلسىز ئېھتىماللىق خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر 3 ‏- خىل ئېھتىماللىقنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، دەپ قارىماقتا. "ۋاشىنگتون پوچتىسى '' گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئىككى تۇتقۇننى دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس، دەپ قارارلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە تەن جازاسى ۋە ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 20 دەك دۆلەتتىن بۇ ئىككى تۇتقۇنغا سىياسى پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. (ئەركىن)