سوتچى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى


2005.12.23

گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن ئادىل ئابدۇلھېكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەرزنى تەكشۈرۈپ چىققان فېدېرال سوتچى، ئۇلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.ئەمما ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئادىل ئابدۇلھېكىم ۋە ئابابەكرى قاسىمنىڭ ئادۋۇكاتى سەبىن ۋەلىت ئىككى ھەپتە ئاۋۋال بولۇپ ئۆتكەن سوت مەھكىمىسىدە فېدېرال باش سوتچى جىمز روبىرتسوندىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل ۋە ئابابەكرىنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىرەر دۆلەت تاپقىچە، ئۇلارنىڭ ۋاشنگتونغا كېلىپ ، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما فىدرال سوتچى ئادىل بىلەن ئابابەكرى ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمىدە، ئۇلار نىڭ گۇانتانامودىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىقىشىنىڭ، ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىكىگە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرى ھەمدە ئۇنىڭ سىياىسي نەتىجىلىرى سوتنىڭ سالاھىيىتىنىڭ سىرتىدا دەپ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغان.

فېدېرال سوتچىنىڭ ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ گۇانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى قانۇنسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئادۋۋكات سەبىن ۋەلىت ، ئەمما سوتچىنىڭ ئۇلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنى ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋالاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سوتچى روبىرتسون ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ۋاشنگتوندا بولۇپ ئۆتكەن سوت مەھكىمىسىدە ئۇلارنى قويۇ بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.