گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئاچلىق ئېلان قىلىش سېپىگە قوشۇلدى


2006.01.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇپ، ئاچلىق ئېلان قىلىش سېپىگە قوشۇلغان.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قوشۇلغان ئۇيغۇرلار سىدىق تۈركىستان، ئەخمەت، ئەختەر ۋە ئايۇپ ھاجى مەمەت قاتارلىقلار ئىكەن. سىدىق تۈركىستانى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئوساما بىن لادېنغا سۈيقەست قىلماقچى، دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تالىبانلار تۈرمىسىدە ياتقان ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 25 - دېكابىرغىچە تاماق يېيىشنى رەت قىلغان تۇتقۇنلارنىڭ سانى 84 كە بارغان. گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە 6 كىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، دەپ ئاقلانغاندىن كېيىن، ئارالدىكى بىر قەدەر ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىغان ئىگۋانا لاگېرىغا يۆتكەپ بېرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قوشۇلغان سىدىق تۈركىستانى، ئەخمەت، ئەختەر ۋە ئايۇپ ھاجى مەمەتلەر مۇشۇ لاگېردا تۇرىدىكەن. ئۇلار مەسىلىسىنىڭ تېزرەك بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسى لاگېردىكى ئابابەكرى قاسىم، ئادىل ئابلىكىملار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى داۋاملىق لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇشنى "قانۇنى پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ئەمەس" دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس، دەپ ئاقلىنىپلا قالماي، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىنمۇ ئاقلانغان بولدى.

ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دېلوسى ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە يوللانغان، ئەمما سوت مەھكىمىسى ئۇلار ھەققىدە تېخى سوت ئاچمىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت