يېڭى شافاق گېزىتى: گۈانتانامودىكى ئىگە - چاقىسىز ئۇيغۇرلار


2006.01.20

تۈركىيىدە تايىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلەن تونۇلغان "يېڭى شافاق" گېزىتى جۈمە كۈنى گۈانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ لاگىردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئىگە - چاقىسىز قالدى، دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈركنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۆلنىڭ ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ، گۇناھسىزلىقى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بۇ كىشىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشى تەلەپ قىلىندى. گېزىت خەۋىرىدە بۇ كىشىلەرگە " تۈركىيە قولىنى سۇنۇشى كېرەك" دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى گۈانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 3 - بىر دۆلەت تېپىشقا تىرىشماقتا. ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغان. يېڭى شافاق گېزىتى، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانىلىينىڭ گۈانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە شۋېت پارلامېنتىغا تەكلىپ لاھىيىسى سۇنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

خەۋەردە " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى " دەيدۇ. يېڭى شافاق گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈركىيە قاتارلىق 20 دەك دۆلەتكە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيىدىن ئىجابىي جاۋاپ ئالالمىغان.

خەۋەردە مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىلىق دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار خاتا يەردە، خاتا ۋاقىتتا تۇرۇپ قالغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان. ئۇلار گۈمانلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولمىغان ۋە خىتايغا دۈشمەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمىگەن."

يېڭى شافاق گېزىتى تۈركىيىدە ئىسلامى سەزگۈرلىكى بىلەن تونۇلغان ئوڭ قانات ئەنئەنىچى گېزىتلەرنىڭ بىرى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.