گۈانتانامودىكى ئۇيغۇرلار يوللىغان ئەرزنى رەت قىلىۋېتىش تەلەپ قىلىندى


2006.01.24

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئەمما گۈانتانامودا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان باياننامىسىدا، ھەر قانداق سوتنىڭ بۇ دىلونى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، دەپ تەكىتلىگەن. ئەدلىيە مىبنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇۋاپىق بىر دۆلەت تېپىلسا، داۋاگەرلەر شۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياننامىسىدا، " قوشما شتاتلار ئىمكانىيىنىڭ بارىچە داۋاگەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان دۆلەت ئىزدەۋاتىدۇ. بىز سوت مەھكىمىسىگە شۇنى كاپالەت بېرىمىزكى ، قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى داۋاگەرلەرنى گۈانتانامودا زۆرۈر بولمىغىچە ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرمايدۇ " دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدىرال سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىملارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىپ، ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى يوقلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۇتقۇنلار ئادۋۇكاتلىرى ئارقىلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. ئادىل ئابلىكىم بىلەن ئابابەكرى قاسىملار 2001 - يىلى 12 - ئاي ياكى 2002 - يىلى 1 - ئايلاردا پاكىستاندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن گۈانتاناموغا ئېلىپ بېرىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى بۇ يىل 4 - ئايدا " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس " دەپ ئاقلىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.