ئادۋۇكاتلار ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى


2006.02.14

كۇبانىڭ گۈانتانامو ئارىلىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئابابەكرى قاسىم بىلەن ئادىل ئابلىكىملارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى دۈشەنبە كۈنى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزنامىسىدا، 2001 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان بۇ كىشىلەر ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغان، دەيدۇ.

ئادۋۇكاتلار ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ئامېرىكا فېدىرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جېيمىېس روبېرتسوننىڭ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا چىقارغان ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. فېدىرال سوتچى جېيمىس روبېرتسون، ئابابەكرى قاسىم ۋە ئادىل ئابلىكىملەرنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىز، دەپ جاكارلىغان، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ " ئامېرىكا بىلەن جىدەل - ماجىرامىز يوق" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا تۇتقۇنلار مۇئامىلە قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئۇلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان. ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار تالىبان ۋە ئەل - قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئاقلانغانلىقتىن بۇ قانۇندىن پايدىلىنالمايدىكەن. چۈنكى تۇتقۇنلار مۇئامىلە قانۇنىدىن ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى تالىبان ۋە ئەل - قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارىغان " دۈشمەن جەڭچىلىرى" لا پايدىلىنالايدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى " دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس " دەپ ئاقلانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 3 - دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە. ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىدى. تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.