ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى


2006.03.06

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 4 يىلدىن بېرى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىكى مەخسۇس بىر تىزىملىك بويىچە ئەمەس، بەلكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 6 مىڭ بەتلىك ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھۆججەت گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى سوتلايدىغان ئامېرىكا ئالاھىدە ھەربىي سوت كوللېگىيىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ خاتىرە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەت تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىكى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. بۇ ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى قانۇنى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى مۇھىم رول ئوينىغان.

تەخمىنەن 500 دەك تۇتقۇننىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 3 - 4 يىلدىن بېرى مەزكۇر لاگىردا ھازىرغىچە سوتلانماي تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى. بۇلار ئافغانىستان ۋە پاكىستانلاردا ئەسىر ئېلىنغان 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئادىل ئابلىكىم، ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق بىر قانچە كىشىنىڭلا ئىسمىنى ئېلان قىلغان .

ھۆجەتتە ئابدۇلغوپۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۆزبېكىستان ئىسلام پارتىيىسىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەندى. ئەمما ئۇنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىشكە كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى 2002 - يىلى گۇانتاناموغا بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.