ئامېرىكا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈچىگەنلىكىنى بىلدۈردى


2006.05.07

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، "بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قايتا باشلايدىغان بىر مۇھىت يارىتىش. بۇ مۇھىتنى دەل ئالبانىيە يارىتىپ بېرىدۇ" دېدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئالبانىيىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى قارشى ئېلىپ، " ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ناھايىتى مۇھىم بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت بولدى" دەپ كۆرسەتتى.

شۇنداقلا ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالبانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ ھەقتىكى قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبىن ۋەللىت ئالبانىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ھەر ئىككىلىسى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ئالبانىيىنىڭ بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۇەنتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بەشى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە يولغا سېلىنغان. ئەسلىدىكى پىلاندا 8‏- ماي كۈنى بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 2 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئامېرىكىدا سوت ئېچىلماقچى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بالدۇر قويۇپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ سوت بىكار قىلىندى. نۆۋەتتە گۇەنتانامودىكى قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تېزراق ئەركىنلىككە چىقىشنى كۈتمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.