خىتاي ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن 5 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2006.05.08
خىتاي دۈشەنبە كۈنى ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالبانىيىدىكى باش ئەلچىسى تيەن چاڭچۈننىڭ ئالبانىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان باياناتىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭدا بۇ ئۇيغۇرلارنى "خىتاي پۇقرالىقىدىكى 5 نەپەر تېررورچى" دەپ سۈپەتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتىدا يەنە، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشىگە كۈچلۈك قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،" خەلقئارا قانۇنلار بويىچە، بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلىشى كېرەك" دېگەن. ئالبانىيە ھۆكۈمىتى بولسا، نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھازىر قانۇنىي رەسمىيەتلەر بېجىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەريانغا 2 ئايدەك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇيغۇرلار 2001- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى تۈرمىسىگە سولانغان ئىدى. كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تېررورىست ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى " خاتا ۋاقىتتا خاتا جايدا تۇرۇپ قالغان" گۇناھسىز كىشىلەر دەپ ئېلان قىلغان. گەرچە ئامېرىكا بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىشقا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشكە تىرىشقان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 5 ئى جۈمە كۈنى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئالبانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالبانىيە پايتەختى تىرانانىڭ سىرتىدىكى بىر مۇساپىرلار مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈچىگەنلىكىنى بىلدۈردى
- گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەشى قويۇپ بېرىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ
- گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا
- ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار