
ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئەۋەتىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللېت دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى تىل جەھەتتە ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان ئالبانىيىگە ئەۋەتىشىنى توغرا كۆرمىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيبىن ۋىللېت مەزكۇر ئاگېنتلىققا " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەقەت ئالبانىيە بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، بېشىدىكى بىر غەمنى يوقىتىشقا تىرىشتى" دېدى. گەرچە سەيبىن ۋىللېت ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەرىپلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى يوق ئەھۋالدا، تىل جەھەتتە ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان ئالبانىيىدە ياشىشىنىڭ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئادۋوكات سەيبىن ۋىللېت ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر پىكىردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئارىسىدا ياشاشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا تۇتقان بۇ ئۇيغۇلارنىڭ ئامېرىكىدا قېلىشىغا قوشۇلماي، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.
لېكىن ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئەۋەتىش ئۈچۈن سۆزلەشكەن بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ھەتتا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ئالبانىيىدە ياخشى ھايات كۆچۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەممىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىدىن خۇشال بولۇشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئامېرىكىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. (پەرىدە)