كوسوۋالىق ئالبانلار 5 گۈەنتانامولۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئالبانىيىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن بىئارام


2006.08.08

بۇ يىل 5 - ئايدا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئالبانىيە تەرىپىدىن سىياسى پانالىق بېرىلگەن 5 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى مۇستەقىللىق پېشىدىكى كوسوۋالىق ئالبانلار بىلەن تېرانا ھۆكۈمىتى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغدۇردى.

ئالبانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 5 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئالبانىيە باش مىنىستىرى سالى بېرىشا بىلەن كوسوۋا باش مىنىستىرى ئاگىم سېكۇ ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىققان. جوڭگو دائىرىلىرى ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلارنى "تېرورچىلار،" دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېرانا ھۆكۈمىتى خىتايغا بۇ مەسىلىسىنى ئالبانىيە قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، دەپ جاۋاپ بەرگەن ۋە بۇ كىشىلەرگە يېقىندا رەسمى سىياسى پانالىق بەرگەن ئىدى.

تېرانادا چىقىدىغان "سېپتارﯤ" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كوسوۋا باش مىنىستىرى ئاگىم سېكۇ، تېرانا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى بۇ تالاش -تارتىش كوسوۋا ئالبانلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا ئەنسىرىمەكتە. ئۇ، خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمى ئەزالىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، كوسوۋانىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چىقىدىغان قارارلارنى رەت قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشىئە قىلىدىكەن.

كوسوۋا، 1999 - يىلى ش ئا ئو ئە ت سېربىيە قىسىملىرىنى كوسوۋادىن قوغلاپ چىقارغاندىن بېرى ب د ت تەرىپىدىن ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىنماقتا. سېربىيە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرماقتا. جوڭگو كوسوۋا ئۇرۇشىدا ش ئا ئو ئە ت ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، سېربىيىنى قوللىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.