گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمە شارائىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى


2007.01.30

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتى سەيشەنبە كۈنى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى مەزكۇر لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا كۈنىگە ئاز كەم 24 سائەت يالغۇز سولىنىدىغان كامىرلارغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئادۋۇكاتلارنىڭ تۇتقۇنلارنى يالغۇز سولاش ئۇلارنىڭ روھى سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت 13 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا لاگىردىكى 4 - نومۇرلۇق تۈرمىدىن، تۇتقۇنلار ئاساسەن يالغۇز سولىنىدىغان ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ قاتتىق بولغان 6 - نومۇرلۇق تۈرمىگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سەيبىن ۋىللېت، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ مەسىلىسىنى تېزرەك بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس يوللىغان. گۇەنتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ 5 نەپىرى، ئۆتكەن يىلى ئالبانىيىگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قالغان ئۇيغۇرلار مەزكۇر لاگىردا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتى، ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى تېزرەك بىر تەرەپ قىلىش يولىدىكى پائالىيىتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چىقارغان بىر قانۇن بىلەن تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقىدىن شىكايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن گۇەنتانامو لاگىرى باياناتچىسى روبېرت دۇراند، 4 - تۈرمىنىڭ رىمونت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، رىمونت پۈتسە 6 - تۈرمىدىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ 4 - تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

روبېرت دۇراندنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە 6 - نومۇرلۇق تۈرمىدە 160 نەپەر تۇتقۇن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇ، بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.