بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى گۇئەنتانومو ھەربىي لاگىرىدىن قويۇپ بېرىپ يەرلەشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان بىر نەچچە ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
" 2005- ۋە 2006- يىللىرى يېڭى زېللاندىيە ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامو ھەربىي لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەزى كىشىلەرنى مۇساپىر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش تەلىپىنى نەچچە قېتىم رەت قىلغان ئىدى" دەيدۇ، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكى مۇساپىرلار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كېۋىن تىرد.
كېۋىن تىرد، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەتىرى يۇقىرى بولۇۋاتقان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى كانادا ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلمىغاندىن كىيىن، سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا يۇقىرىقىلارنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ يېڭى زېللاندىيىنىڭ بۇنداق تىپتىكى توپلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ نەزەرگە ئالغانلىقىنى ۋە بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا زۆرۈر بولغان ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ گۇئەنتانومو ھەربىي لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى يېڭى زېللاندىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالدىنقى ھەپتە بەش بۇرجەكلىك بىنا (پەنتىگان)گۇئانتانامو ھەربىي لاگىرىدىكى تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرنەچچە دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولىسىمۇ، ئەمما باياناتچى گرەگ خىككس قايسى دۆلەتلەر ئىكەنلىكنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان . (جۈمە)