گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى يوشۇرۇن مۇزاكىرىلەر

كانادادا چىقىدىغان Globe and Mail The گېزىتى بۈگۈن يەنى 2 ‏ - ئىيۇن خەۋىرىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش مەسىلىسىدە بىر تۈركۈم دۆلەتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈركۈم يوشۇرۇن مۇزاكىرىلەرنى ئاشكارىلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.02

 خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئەسلىدە كانادا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشقا قېتىلغان بولۇپ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستاندا خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، كانادانى مەزكۇر پىلانىدىن ئاخىرقى مىنۇتلاردا ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان. كانادا ئۆز پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىشتە قىيىنچىلىقلارنى كۆپەيتىۋالماسلىق ئۈچۈن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن.

The Globe and Mail گېزىتى مەزكۇر خەۋەرنى كانادا ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى زىيارەت قىلىش، ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئەھدىنامىسىغا ئاساسەن پەردە ئارقىسىدا داۋام قىلغان سىياسىي مۇزاكىرە ئارخىپلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئىگىلىگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە مەكتۇپ يوللىغان ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكا بولسا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە خىزمەت ئىشلىگەن.

خەۋەردە يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىش شەرتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئالبانىيىگە قوبۇل قىلدۇرغان. ئالبانىيە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكا ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەن.

يەنە مەزكۇر خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلىشىش خىراجىتى ئۈچۈن ئامېرىكا ئالبانىيىگە بىر مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.