ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇس پەرھاتنى قويۇۋېتىش قارارى ئالدى
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.23
2008.06.23
ئۇيغۇر مەھبۇس پەرھات ھۆزەيفە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسى تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ 6 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي بازىسىغا جايلاشقان ھەربىي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى ئامېرىكا ھەربىي سوتى پەرھاتقا ئارتقان "دۈشمەن جەڭچىسى" جىنايىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىگە ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشنى بۇيرۇغان.
پەرھات 2001 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن قولغا چۈشكەن ھەمدە "دۇشمەن جەڭچىسى" دېگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىدى.
2006 - يىلى ئامېرىكا قوشام شىتاتلىرى ئەينى ۋاقىتتا پەرھات بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن 5 نەپەرنى قويۇۋەتكەن ھەمدە ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرگەن ئىدى.