ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى گۇانتانامودا قېپقالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوت ئاچىدۇ

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى بىر فېدىرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى كېلەر دۈشەنبە كۈنى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوت ئاچىدۇ. گۇانتانامودىكى 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنى بۇ يەردە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋۇكاتى سەيبىن ۋېللىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سوت مەھكىمىسى تۇتقۇنلارنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ يەردىكى باشقا تۇتقۇنلارنىڭ دىلوسى بىر تەرەپ بولغۈچە ساقلاپ تۇرۇش، ئىككىنچىدىن، بۇش ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 3 - بىر دۆلەتكە يوللىماقچى بولسا، ئالدىنئالا ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى كۆرۈپ چىقىدىكەن.

بۇش ھۈكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا 5 ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئالدىنئالا ئېلان قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەخپىي ئېلىپ باردى. بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھازىر ئالبانىيىدە ياشايدىغان 5 ئۇيغۇر مۇساپىر ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. (ئەركىن)