گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا فېدېرال سوتىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىندى

گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى يېقىندا ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر دېلونى كۆرۈۋاتقان بىر سوتچىسىغا تەلەپ سۇنۇپ، 7‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدىغان سوت كۈنى تۇتقۇنلاردىن 4 كىشىنى ۋاشىنگتونغا چاقىرتىشنى ۋە سوتتا ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.12

بۇ گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك قويۇپ بېرىش ئەرزىدە تۇنجى قېتىم داۋاگەرلەرنىڭ ۋاشىنگتونغا چاقىرتىلىپ، سوت مەھكىمىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربنا 10 ‏ - ئاينىڭ 7 ‏ - كۈنى گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزىنى كۆرۈپ چىقماقچى ئىدى.

سوت كۈنى يېتىپ كېلىشتىن 4 ھەپتە بۇرۇن تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى يۇقىرىقى 17 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىچىدىكى 4 كىشىنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشىنى، قالغان 13 كىشىنىڭ سوتنى گۇئانتانامودا تۇرۇپ تېلېفوندا ئاڭلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى گۇئانتانامودىكى ھەر قانداق بىر تۇتقۇننى ئامېرىكا زېمىنىغا ئېلىپ كېلىشكە قارشى تۇرماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى 5 كىشىنىڭ " دۈشمەن جەڭچىسى " دېگەن قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئادۋوكاتلارنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇرنى سوتقا چاقىرتىش تىرىشچانلىقى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

سوتچى ئۇربنا ئۇيغۇرلارنى سوتقا چاقىرىش ياكى چاقىرماسلىقنى تېخى قارار قىلمىغان. ئەگەر سوتچى چاقىرتىشنى قارار قىلسا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا سوتنىڭ قارارىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.