ئىسمايىل ئەمەت ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمايىل ئەمەت جۈمە كۈنى ئامېرىكىنى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكىنى يەر شارى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىكە توسقۇنلۇق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىدى.

ئىسمايىل ئەمەتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي 2001 ۋە 2002 - يىللىرى ئافغانىستاندا ئەسىر ئېلىنغان بۇ 5 ئۇيغۇرلارنى " گۇمانلىق تېررورچىلار"، دەپ قارايدىكەن. ئۇ، "مېنىڭچە ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە قوش ئۆلچەم ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز " دەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى ئىسمايىل ئەمەتنى 1985 - يىلدىكى سايلامدا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نامزاتى تۆمۈر داۋامەتنى رەت قىلىۋېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى.

ئىسمايىل ئەمەت ئىلگىرى "مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇماقچى بولغان دۆلەت كادىرلىرى مائاشىنى مەسچىتتتىن ئالسۇن " دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان شەخس. ئۇ، بۇ قېتىم بېيجىڭدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا گۈەنتانامودىن گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلگەن بۇ 5 ئۇيغۇرنى "ئۇلار تالىبان ۋە ئەل قائىدىدىن تەلىم تەربىيە ئالغان" دېدى. ئۇلارنى " ئەسەبىي تېررورچىلار،" دەپ تەكىتلىگەن ئىسمايىل ئەمەت، "ئۇلار قانۇن بويىچە جازالىنىشى كېرەك " دەيدۇ. لېكىن ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىگە ئىسپاتى بارلىقىنى سورىغان بىر مۇخبىرغا ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئۆزى يىتەرلىك، دەپ جاۋاب بەرگەن.

گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 5 كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئالبانىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە.

ئالبانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا ئالبانىيە پارلامېنتىدىكى بەزى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئالبانىيە ھۆكۈمىتى بۇ 5 ئۇيغۇرغا سىياسىي پانالىق بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسىدە ھازىرغىچە بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)