ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە قاتارلىق يۈز ئەتراپىدا دۆلەتكە مۇراجەت قىلغانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە پەقەت ئالبانىيىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن.
ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان "ئەسىر" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆلتۈرىدۇ، دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ مەسىلە توغرىسىدا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە باش تەپتىش ئىدارىسى بىلەن كۆرۈشكەن. (ئۆمەر قانات)