ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋىرجىنىيىلىك دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس موران، گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ئۇلارنى يولغا سالغاندا ئۇلارغا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدىغان بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشى زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
جېيمىس موران يەنە، گۈئانتانامودىكى 5 ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەنقىدلەپ،" ئالبانىيە بۇ كىشىلەر ئۈچۈن تېگىشلىك يەر ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار ياشاپ باقمىغان ئالبانىيىدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى پەيدا قىلىۋاتىمىز. ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئالبانچە بىر بوتۇلكا سۇ سوراشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
جېيمىس موراننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالبانىيىدە 5 كىشىلىك ئۇيغۇر جامائىتى يارىتىلغاندىن كېيىن، ئەمدى گۈئانتانامودىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئالبانىيىگە ئەۋەتىش يولى ئېچىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ، ئۇيغۇرلارنى ئالبانىيىگە ئەۋەتىشكە قارشى تۇردى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ باشقىچە چارىسىنى تېپىشقا چاقىردى.
"ئەگەر ئۇلار پاناھلىق تەلەپ قىلسا، بىز ئۇلارغا ئامېرىكىدا بىر يەرنى تېپىشىمىز كېرەك "دەپ تەكىتلىگەن جېيمىس موران،" لېكىن ، ئۇلار سىياسى جەھەتتە ئۆزى -ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان، دىنىي ئەركىنلىك ۋە شەخسى ئېتىقادىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان شۇنداقلا بىزمۇ قارشى تۇرىدىغان دىكتاتور كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا بىز ئۇلارنى 5 يىلدىن بېرى قاراڭغۇ بىر ھاڭدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز " دەيدۇ. جېيمىس موران بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىدىكى بىر تاشقى سىياسەت تەتقىقات ئورنى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تەكىتلىدى.
بۇش ھۆكۈمىتى خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدە گۈەنتانامو تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقىۋېتىش ھەققىدىكى بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. (ئەركىن)