ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن چاقىردى


2005.04.27

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبېرن سارىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى.

يىغىنغا يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر كارخانىچى ۋە ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى.

مەزكۇر يىغىندا يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بۆلۈمىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇزەن ئوسۇلىۋان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى ت. كۇمار ۋە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىدىن ۋىنا سىدارس قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

ئۇلار يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا كۈچلۈك دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلمۇ قاتناشتى. ئۇ يىغىن زالىدىكىلەرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى .(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.