رابىيە قادىر ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىقىنى پاش قىلدى


2005.04.28

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا چارشەنبە كۈنى گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق ئاياق- ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە يەكلىنىۋاتقان، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى تەھدىدكە ئۇچراۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇقى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، ئادالەتسىز سوتلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراشتەك ئېغىر دەپسەنچىلىككە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيىتىنى كونكرېت مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، "خەلقىم تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋىرنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە"- دېدى.

ئىسپات بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بۆلۈمىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى سۇزەن ئوسۇلىۋان خانىممۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىكىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىسپات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.