ھۈسىيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدا ئىسپات بەردى


2007.01.31

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىناسىدا خىتايدا باشقا مىللەتلەرنىڭ بېسىمغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر مەسىلىلىرى خادىملىرى قاتناشتى.

يىغىندا كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم، تىبەت خەلئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بۇچۇڭ سېرىن قاتارلىق كىشىلەر خىتايدا باشقا مىللەتلەرنىڭ بېسىمغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىسپات بەردى.

ھۈسىيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، قانۇن بۇيىچە كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئېرى ھۈسىيىن جېلىلنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىلى 6 ‏- ئايدا ئۈزبېكستاندىن تۇتۇپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر ئۆز تۈرمىسىگە قاماپ تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، كانادادا ۋە باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.