ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش تەنقىدكە ئۇچرىدى


2007.06.01

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى بىر كەسپىي ئالى مەكتەپتە مەزكۇر مەكتەپتىكى رېسىدە قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى، قىزلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەكتەپ دائىرىلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەزكۇر كەسپىي ئالى مەكتەپ ئۆزىنى ئاقلاپ، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگەنلىك، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى ئادا قىلغانلىقتۇر"، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپنىڭ ھەرىكىتى مەتبۇئاتلاردا تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش توختۇتۇلغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ قائىدىنى" ئارقىدا قالقانلىق، قالاق ۋە بىپەرۋالارچە ھەرىكەت،"دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى يازدى.

مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە، ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان ئۈرۈمچىدىكى بۇ كەسپىي ئالى مەكتەپنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەكتەپنىڭ بىر يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئالى مەكتىپى ئىكەنلىكى ۋە 17 - 18 ياشلاردىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە مەكتەپ زالىغا يىغىۋېلىنىپ، قىزلارنىڭ دوختۇرلارغا سۈيدۈك ئۈلگىسى بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى يازغان ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ۋاڭ خوڭلى ئىسىملىك بىر مەسئۇلى، مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك شەخسىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، " تەكشۈرۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكى" ۋە بۇ مەسىلىدە "جامائەت پىكرىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.