خىتاي يوپۇرغا ناھىيىسىنى ئىشەك گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇردى
2005.05.08
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىنى خىتايدىكى ئاساسلىق ئىشەك گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسى "يوپۇرغا ئىشىكى" باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئىشەك باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىشقا دەۋەت قىلغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە "ئىشەك فېرمىلىرى" غا ھەر خىل تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يوپۇرغىدىكى ئىشەك فېرمىلىرىدا، 60 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق ئىشەك بار بولۇپ، 40 مېڭى يوپۇرغىنىڭ سورتلۇق ئىشىكى ئىكەن. بۇ ئىشەك فېرمىلىرى، ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىنى 120 توننىدىن ئارتۇق ئىشەك گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئىشەكنى يەرلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن قاتناش ۋە ياكى دېھقانچىلىق قورالى سۈپىتىدە بېقىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىسلام دىنىدا ئىشەك گۆشى ۋە سۈتىنى ئىستىمال قىلىش ھارام ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان " يوپۇرغا ناھىيىسى" گە "ئىشەك يۇرتى" نامىنى بېرىپ، ئىشەك گۆشىنى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلاندۇرغانلىقى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ- ئادەتلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماقتا. (ئارزۇ)