ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى ھارۇنخان ھاجىم قازا قىلغان


2005-04-26
Share

ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" دەپ باھا بېرىلگەن سابىق ئىمامى ھارۇنخان 24 - ئاپرىل كۈنى 84 يېشىدا قازا قىلغان.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇنىڭ نامىزى دۈشەنبە كۈنى ھېيتكاھ جامىسىدە چۈشۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مېيىت نامىزىدا، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان سادىقلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى مەدھىيىلەپ، مەخسۇس تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

ھارۇنخان دىنىي سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1996 - يىلى بىر قانچە ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان. شۇندىن بېرى، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات" دەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە.

بىراق، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە دىنىي زاتلار ھارۇنخانغا " دىنىي ھەم مىللىي مۇناپىق" دەپ باھا بەرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت