خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرماقتا


2006.08.17

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، بۇ يىلىدىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاختا تېرىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈشىنى چەكلىدى. لېكىن، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا ھېلىمۇ بۇ ۋەزىپىنى چۈشۈرۈشكە بولۇدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكىلەر، پاختا تىرىش ئەمگىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ نىسبەتەن زور ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىغا پاختا تىرىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 7 مىليون مۇ مەخسۇس كېۋەز ئىشلەپ چىقىرىش مەيدانلىرىغا ئەمگەك كۈچى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن 1994 ‏- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش نامىدا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە ھەر يىلى پاختا تېرىش مەزگىلىدە پاختا تېرىشقا ئوخشاش ئېغىر ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن. ئاتا-ئانىلار پاختا تېرىش ئەمگىكىنىڭ بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.