ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېھقانلارنى يازلىق ھاشارغا تۇتۇش باشلاندى


2005.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 2005 - يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە ھاشار ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر بىر قانچە كۈندىن بېرى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا دېھقانلارنى ئورما پەسلىدە يازلىق ھاشارغا ھەيدىدى.

قەشقەرنىڭ پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيىلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى دېھقانلارنى كەلكۈنگە قارشى ئۆستەڭ چېپىش، يول ياساشقا سەپەرۋەر قىلماقتىكەن. دېھقانلار، ھاشار ئەمگىكى ئوما مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكتىن ئائىلە دېھقانچىلىقى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دېھقانلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھاشارغا كېتىدىغان ئەمگەك قوراللىرىنى، يىمەك - ئىچمەك، يىتىپ - قوپۇش ۋە يول ھەققىنى دېھقانلار ئۆزى كۆتۈرىدىكەن.

پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان رادىئومىزغا تېلېفوندا ، " ھاشارغا چىقمىغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى جەرىمانە تۆلەشنى رەت قىلغانلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ھاشار دېھقانلارنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.

قەشقەرنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسىدىكى يېزا كادىرى ئەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، دېھقانلار ئۆزى ماڭىدىغان يولنى ئۆزى ياسىشى كېرەككەن. خانئېرىقتىكى ئەمەت، ھاشارنىڭ خالىسانە يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دېھقانلار ھاشار ئورنىغا تراكتورلار بىلەن ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە دېھقانلار ھازىرغا قەدەر ھاشار تۇتۇلىۋاتقان بىردىن - بىر رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.