ئۇيغۇر ئېلىدە " ھاشار" ئەمگىكى داۋاملاشماقتا


2005.12.12

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان "ھاشار" ئەمگىكى ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى بىر چوڭ يۈك بولۇپ تۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى يېزىلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان دېھقانلار " ھاشار" ئەمگىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى دەپ كۆرسىتىلگەن " ھاشار" ئەمگىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرمۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى " خالىسانە ئەمگەك " دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىتى نەتىجىسىدە، ھاشار ئەمگىكىنىڭ -2005 -يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھېلىمۇ بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.