ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار يەنە ھاشارغا ھەيدەلمەكتە
2007.02.27
ئۇيغۇر ئىلىدىكى پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۇچۇر تورىدا، "پوسكام ناھىيىسىدىكى ھەرمىللەت خەلقى زەرەپشان دەرياسىدىكى خەتەرلىك جايلارنىڭ توسما قاشلىرىنى رىمۇنت قىلىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە ئالدىن تەييارلىق كۆردى" دەپ خەۋەر بېرىلگەن.
بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەر قايسى يېزا - كەنتلەردىن 2800 دېھقاننى تەشكىللەپ ھاشارغا ئېلىپ چىققان .
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە باجنى ۋە ھاشارنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ. لېكىن خىتايدىكى بەزى ئاخبارات تورلىرىغا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىيۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان رەھىمسىز سىياسەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە . (جۈمە)