خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى مەدىكار سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى


2007.03.01

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، خىتايدىكى مەدىكارلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، مەدىكارلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە دەپسەندىچىلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، قانۇن جەھەتتە ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك شەھەردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا سالاھىيىتىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتتا يەنە "خىتاي تەرەققىياتىدا يۈز بەرگەن مۆجىزە، مەدىكارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلى بىلەن مەيدانغا كەلگەن" دەپ كۆرسىتىلگەن. چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن، ئىنكاس بىلدۈرۈپ "خىتايدا شەھەرلىشىش بىلەن سانائەتلىشىش داۋامىدا، زور كۆلەمدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى شەھەرلەرگە كىرىپ، خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەر قۇرۇلىشى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئويناۋاتقان رولى ئىنتايىن مۇھىم" دېدى.

چىڭگاڭ سۆزىدە، مەدىكار ئىشچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىۋاتقانلىئىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر قىسىم ئورگانلار تەرىپىدىن مەدىكەرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئىقرار قىلدى. ئۇ، بۇ مەسىلىگە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مەدىكارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا كاپالەت بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىدا ئىستانسىمىز مۇخبىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىيدىكى رايونلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەقسىز ھاشار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولدى. سىياسىي كۈزەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي مەدىكارلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى، قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.