يەكەندە يۈز مىڭ دېھقان كەڭ كۆلەملىك ھاشارغا تۇتۇلدى


2007-03-11
Share

قەشقەر ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، -3 ئاي كىرىشى بىلەنلا قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە، بوز يەر ئېچىش، كۆكەرتىپ ئورمان بىنا قىلىش دېگەن نامدا ھاشار يەنە باشلانغان بولۇپ، يەكەننىڭ 29 يېزا كەنتلىرىدىن بولۇپ 100مىڭ دېھقان ھاشارغا ئىشلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەكەننىڭ ياقائېرىق كەنتى تەۋەسىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ناچار بولغان 10 مىڭ مو كېلىدىغان چۆللۈكنى بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھاشارغا تۇتۇلغان 100مىڭ دېھقان -6 مارتتىن باشلاپ ناھايىتى ناچار شارائىتتا بۇ جايدا ئېغىر ھەقسىز ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دېھقانلاردىن ئىگىلىنىشىچە، يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، بۇ باھاردىكى ھاشار ئەمگىكى جەريانىدا دېھقانلارغا 8450 مو يېڭى بوز ئېچىش، 68 تاش يولنى ياشاس، 68 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئورمان بەلۋېغى ياساش، يەنە 2400 مېتىر ئۆستەڭ ھەمدە 50000دىن ئارتۇق تارماق ئېرىق ئۆستەڭلەرنى چېپىش قاتارلىق ئەمگەك ۋەزىپىلىرىنى يۈكلىگەن.

بىكارغا ھاشاغا تۇتۇش دېھقانلاردا ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ،گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا داۋاملىشىپ كەلگەن شاھار ئەمگىكىنى -2005 يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىگىنىمىزدەك ھەقسىز مەجبۇرى ئەمگەك بولغان ھاشار ئۇيغۇر ئېلىدا ھېلىھەم ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت. ھۆكۈمەت دېھقانلارنى كەڭ كۆلەملىك ھاشارغا تۇتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھەقسىز ھاشار ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

يەرلىك دائىرىلەر بۇ قېتىم يەكەندە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك ھاشارنىڭمۇ خاراكتېرىنى يوشۇرۇپ "يەكەندىكى دېھقانلار بوز يەر ئېچىش،كۆكەرتىش دولقۇنىنى يۇقىرى كۆتۈردى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.(گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت