خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارلىنىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى ۋە نىڭشيا رايونلىرى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان. خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يامغۇر-يېشىننىڭ كەم بولۇشى ئۇيغۇر ئېلى ۋە نىڭشيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېلىپ كەلگەن.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە 29- ئاپرىل بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تاماملىنىپ 40 كۈنگىچە يامغۇر ياغمىغان بولغاچقا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ۋە قۇرغاقچىلىق سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ تۇز كۆلىنىڭ دائىرىسى تارىختىكى ئەڭ كىچىك چەككە چۈشۈپ قالغان.
نىڭشيادا تەبىي يايلاقلارنىڭ 90 پىرسەنتى شالاڭلىشىپ قۇملۇققا ئايلىنىشقا باشلىغان.
ئالىملارنىڭ قەيت قىلىشىچە، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى دۇنيا مىقياسىدا ئاچارچىلىقنى كۆپەيتكەن بولۇپ، 2080-يىللارغا بارغاندا قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك ئاچارچىلىقتا قالىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى140 مىليوندىن 1مىلياردقىچە بولىدىكەن. (جۈمە)