موسكۋا - ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى ھاۋا قاتنىشى يېقىندا ئەسلىگە كېلىدۇ
2006.04.03
جەنۇبىي جۇڭگو ھاۋا يوللىرىنىڭ رۇسىيە پايتەختى موسكۋا بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى ئارىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قاتنىشى 10 - ئاپرىل كۈنى ئەسلىگە كېلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جەنۇبىي جۇڭگو ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە بوئېڭ - 737 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا ئۇچۇش سەپىرى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى يولغا قويۇلىدۇ. موسكۋادىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇش سەپىرى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە ، پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى يولغا قويۇلىدىكەن.
ئۈرۈمچى - موسكۋا ئارىسىدىكى ھاۋا يولى قاتنىشى 2003 - يىلى خىتايدا سارس كېسىلى پارتلىغاندىن كېيىن توختىتىپ قويۇلغان. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى سارس كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، بۇ كېسەلنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ساراس كېسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بايقالمىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئۈرۈمچى بىلەن موسكۋا ئارىسىدا قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى توختىتىپ قويغان. بۇ قاتناش ئاخىرى 10 - ئاپرىلدا ئەسلىگە كېلىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولى ياسىماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قاتناش، چېگرا قۇرۇلۇشلىرى تەرەققى قىلدۇرۇلماقتا
- قىرغىزىستان-خىتاي-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىغا خىتاي شىركەتلىرى جەلىپ قىلىندى
- لەنجۇ – قەشقەر تۆمۈر يولى قەشقەر خەلقىگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرۇلغان دۆلەت يوللىرى ئۇزارتىلدى