تەكلىماكاندا بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى ئوۋلانغان 98 تۈرلۈك ئومۇرتقىلىق ھايۋان تېپىلدى


2006.01.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ۋە فرانسىيىلىك مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى، تەكلىماكاننىڭ مەركىزى بەلۋىغىدا بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن ئوۋلانغان 98 تۈرلۈك ياۋايى ھايۋاننىڭ ئۈلگىسىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش خىزمىتى خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسى بىلەن فرانسىيە مەركىزى ئاسىيا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېرىيە دەرياىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا قىدىرىش ئېلىپ بېرىپ، بېلىق، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار، ئۆمۈلىگۈچىلەر، ئۇچار قۇشلار ۋە ۋەھشى ھايۋانلار تۈرىنى بايقىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر نەسلى قۇرۇپ كەتكەن قارا يىلپىز، ياركەنت توشىقىنى، غاجىغۇچى ھايۋانلار، بۆدۈنە ۋە پاختەك قاتارلىقلار بار.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە - خىتاي ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش خىزمىتى 1993 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ ئايدا ئاخىرلىشىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر كېرىيە دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان 200 كىلومېتىر دائىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۆمكىدىكى خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار قۇمۇش قاتارلىق بەزى مۇھىم ئۆسۈملۈكلەرنى بايقىغان. ئۇ، سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان رەسىملەر ۋە نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى تەكلىماكان چۆللۈكى دەريا ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغان، نۇرغۇن ھايۋانلار ياشايدىغان جاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا، دەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى تەكلىماكان رايونىدا كۆپ قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ كۆپ قىسىمى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت