خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە
2004.10.28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى ئۈچۈنجى دۆلەت ئارقىلىق ھەجگە چىقىشقا تەييارلىق قىلغان 43 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر ئەسلىي پاكسىتان ئارقىلىق ھەجگە بېرىشنى پىلانلىغان . خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۇلارنى تۇتقان. تۇتۇلغانلار ئارىسىدا بۇ كىشىلەرنى ھەجگە ئويۇشتۇرغان كىشىمۇ بار ئىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى قەشقەردىكى چىگرادا 31 ئادەمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
دىلشات رىشىتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى تۈرلۈك ئۇسۇلدا چەكلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى سەئودىي ئەرەبىستانغا بېرىش ئۈچۈن پارسپورت تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بىجىرىشنى توختاتقان. بۇنىڭدىن سرت، چەتئەلدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە دوستلىرىنى يوقلاشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ پاسپورت بىجىرىشنى رەت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەجگە ۋە چەتئەلدىكى قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرگە بېرىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. (ئارزۇ)