ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەج ئۆمىكى، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1500 كىشىلىك ھەج ئۆمىكى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قاراپ يولغا چىققان.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 28 - دېكابىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان مەزكۇر ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ چەتئەللىك دۈشمەن كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان بولۇپ، گۇرۇپپىدىن ئايرىلىپ شەخسىي نام بىلەن ھەج پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش چەكلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىسلام جەمىيىتى تەشكىللىگەن ھەج ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئىسلام مۇخلىسلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ھەمدە يەنە مىللى بىرلىكسەپ خادىملىرىمۇ بار ئىكەن. 28 - دېكابىر يولغا چىققان ھەج ئۆمىكى كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ كېلىدىكەن.

ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەج ئۆمىكى يولغا چىقىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئەزالارنى ئۈرۈمچى يەر شارى مېھمانخانىسىغا يىغىپ، ئۇلارغا سىياسىي تەربىيە ئۆگىنىشى ئېلىپ بارغان. ھۆكۈمەت ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەزگىلدە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قۇرماسلىقىنى، بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارغا ئائىت ماتىرياللارنى خىتايغا ئېلىپ كەلمەسلىكىنى شۇنىڭدەك رۇخسەت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا يالغۇز پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقىنى ھەمدە ھەر بىر ھەج قىلغۇچى بىر - بىرىنى نازارەت قىلىپ، غەيرى ھەرىكەت سېزىلگەن ھامان دەرھال پاش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. (ئەقىدە)