خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى


2005-09-12
Share

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەج مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تۆت ماددىلىق ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشىدا، ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ھەجگە بېرىش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارىدىغانلارنى قاتتىق كونترول قىلىش، بۇ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىمىغان ئورۇنلار ۋە شەخىسلەرنىڭ مەسئولىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارغانلارنى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 13 - ماددىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلىش ۋە دۆلىتىگە قايتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارغانلارنى چەكلىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ۋە دەپسەندە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت